ئەھمەدىنېجاد: ئىران، ئامېرىكىنىڭ ئۆزگىرىش سىياسىتىگە ئىجابىي قارايدۇ
2009-04-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئىران جۇمھۇر رەئىسى مەھمۇد ئەھمەدىنېجاد، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئۆزگىرىش سىياسىتىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەھمۇد ئەھمەدىنېجاد، تۈنۈگۈن قازاقىستاننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تۈركىيىدە قىلغان نۇتقىدا ئىرانغا بەرگەن سىگنالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سىياسەتلەردىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى تېز بولۇشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ سىياسەتلىرىدە ئاساسلىق ۋە ھەقىقىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىشىغا ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرىمىز.»
ئىران جۇمھۇر رەئىسى بۇندىن ئىلگىرىكى باياناتىدىمۇ، يەنى ئاق ساراي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە ئۆزگىرىش ھاسىل بولغان تەقدىردە، ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى.