تۈركىيە مەتبۇئاتىدا بۈگۈن 06.04.2009
2009-04-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: مىللىيەت گېزىتىنىڭ«تۈركىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىنسۇن» سەرلەۋىسىدىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئەنقەرەگە كېلىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى پراگدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىنىشى ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىقى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بۇ چاقىرىقنى قوللىغانلىقى، بىراق فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركۇزىينىڭ بولسا«تۈركىيە ئالاھىدە ئىمتىيازلىق دۆلەت سۈپىتىدە قىلىشى لازىم، مىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىم ئۆزگەرمىدى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتە قارار بېرىشى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلىرىگە باغلىقتۇر» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
زامان گېزىتىنىڭ«مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى بىلەن ئوبامانىڭ مۇددىئالىرى بىر-بىرىگە ماسلاشتى» سەرلەۋىسىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:
دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا توغرا كەلگەن ئوبامانىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى خۈنۈكلەشكەن ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلەشنى ئارزۇ قىلغان ئوباما«مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىش ئارقىلىق تىنچلىق سىگىناللىرىنى بېرىشى مۇمكىن دەپ، مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوبامامۇ ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىر تەرەپلىمە چۈشەنچىلەرنى تۈگىتىشنى نىشان قىلغان ئىتتىپاق بىلەن ئورتاق چۈشەنچىگە ئىگە.
جۇمھۇرىيەت گېزىتىدىكى«مەدەنىيەت ئىتتىپاقى يىغىنى باشلاندى» سەرلەۋىلىك خەۋەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ.
خەۋەردە، تۈركىيىنىڭ ساھىپخانلىقىدا 30 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقلىرى، شۇنداقلا مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان«ب د ت 2- قېتىملىق مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى مۇنبىرى يىغىنى» نىڭ بۈگۈن ئىستانبۇلدا باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رادىكال گېزىتىنىڭ«ئوباما تۈركىيە پارلامېنتى(تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى) دا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ» ماۋزۇسىدىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تۈركىيىگە يېتىپ كەلگەنلىكى، ھەمدە ئوبامانىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوبامانىڭ نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى ۋە زىيارەت جەريانىدا تۈركىيە-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىدىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولغان PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
تاراف گېزىتىنىڭ«ئەگەر سايلامغا قاتناشسا غەلبە قىلىدۇ» تېمىسىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى:
ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئەنقەرەنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باارك ئوباما، Infakto نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيىدە ئەڭ كۆپ قارشى ئېلىنىشقا مۇيەسسەر بولغان چەتئەللىك رەھبەر ھېساپلىنىدۇ.
ئاخشام گېزىتىنىڭ«ياشلارغا خوجايىن بولۇش پۇرسىتى كەلدى» ماۋزۇسىدىكى خەۋىرىدە، ياخشى پىكىرگە ئىگە، ئەمما پۇلى يوق ياشلارغا خوجايىن بولۇش پۇرسىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەرگە كۆرە، سودا-سانائەت مىنىستىرلىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ياكى يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان لايىھىلىرىگە 100 مىڭ تۈرك لىرا مەبلەغ ياردىمى قىلىدىكەن.
يېڭى شەپەق گېزىتىدىكى«تۈركىيىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دۇنياسى بىلەن يارىشىش لازىم» سەرلەۋىسىدىكى خەۋەر ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ.
خەۋەردە«غەرب، ئىسلام دۇنياسى بىلەن يىقىنلىشىشى كېرەك. تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باسقۇچى بۇنىڭغا مۇھىم بىشارەت بولغۇسى» دېيىش ئارقىلىق ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە چاقىرىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
http://www.trtuyghur.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=6215bb0c-0a5d-453a-b86e-e2e43aa50c37