تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر
2009-04-06
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: بۇ ھەپتە ئوتتۇرا شەرقتە ئىككى مۇھىم ئىش مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭ بىرى، قاتاردا چاقىرىلغان ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنى ئىدى. ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ كۆرىنەرلىك تالاش – تارتىشلارغا سەھنە بولغان يىغىن، ئەرەب دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ مۇھىم. بۇ ھەپتىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى مۇھىم ئىش بولسا، ئىسرائىلىيىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچقا كېلىشى ۋە لىكۇد پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بېنجامىن نېتانياھۇنىڭ ھۆكۈمەت تىزىملىكىنى ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى پېرىسكە تەقدىم قىلىشى بولدى.
........................................................................
قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھە (دوھا) بۇ يىل چاقىرىلغان ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنلىرىغا ساھىبخانلىق قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە دۆلەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىن بولۇپ، ئىككى ئايرىم يىغىندىن تەشكىل تاپقان ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنلىرى، ئەرەب دۇنياسىنىڭ ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئاساسلىق دىنامىكىلىرى نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە سەھنە بولماقتا. دەرۋەقە بۇ يىل دەۋھەدىمۇ پەلەستىن مەسىلىسىدىن تارتىپ ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەرگە، يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل – مۇئامىلە كرىزىسىدىن تارتىپ، رايوندىكى چېچىلاڭغۇلۇقنى تۈگىتىشكىچە بولغان بىر قاتار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ئەرەب ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى تالاش – تارتىشلىق بىر كۈنتەرتىپكە ئىگە بولدى. ھەر قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىكىگە ئوخشاشلا، بۇ يىغىننىڭمۇ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرىدىن بىرى يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش مەسىلىسى ئىدى. بۇ تۈردىكى يىغىنلارغا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ياكى قىلماسلىقى يالغۇز يىغىننىڭ ئۇتۇقلۇق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەينى زاماندا ئەرەب دۇنياسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ يىللىق يىغىننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد ئەبۇلغەيس، دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا ھۆسنى مۇبارەك قاتناشمىدى. بۇ ئەھۋال يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان قاتار بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى ئاخىرقى كۈنلەردە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئوتتۇرىغا چىققان پىكىر ئوخشىماسلىقىنىڭ مۇھىم بىر سىمۋولى بولدى. نۇرغۇنلىغان يىغىنلاردىكىگە ئوخشاشلا، ئەرەب ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى يارىشىش ۋە بىرلىك سىگناللىرىنى بېرىش ئۈچۈن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە توپلاشنى كۆزلىگەن ئىدى. لېكىن يەنىلا كۆپلىگەن يىغىنلاردىكىگە ئوخشاشلا بۇ يىغىندىمۇ يارىشىش ۋە بىرلىك – باراۋەرلىكتىن بەكرەك، پىكىر ئوخشىماشلىقلىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىدى. بۇ يىل چاقىرىلغان يىغىندىكى تالاش - تارتىشنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى ئىراننىڭ ئەرەب دۇنياسىدا ئوينىشالىشى مۇمكىن بولىدىغان رول توغرىسىدىكى پەرقلىق قاراشلاردىن ئىبارەت بولدى. بۇ يەردىكى پىكىر ئوخشىماشلىقى قاتارنىڭ ئىران دۆلەت رەئىسى ئەھمەدى نىجادنى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلغىنىغا مىسىر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان نارازىلىق ئارقىلىق تېخىمۇ كونكېرت ھالدا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئەھۋال ئەرەب دۇنياسىدا ئەنئەنىۋىي ئادەتتىكىچە، دەپ قارىلىۋاتقان ئەرەب دۇنياسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قايسى دۆلەت ئالىدۇ؟ دېگەن سوئالدىن ھالقىغان بىر تالاش – تارتىشنى مەيدانغا چىقاردى. كېيىنكى يىللاردا قاتارنىڭ يۇلتۇزى پارلاشقا باشلىغان بولسىمۇ، مىسىرنىڭ نارازىلىقى قاتارنىڭ كۈچلىنىپ بېرىۋاتقان رولىدىن بەكرەك، ئىراننى ئەرەبلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدىكى گۇمانلىرىغا مەركەزلىشىدۇ. بۇ گۇمان ۋە نارازىلىق، يانۋار ئېيىدا ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىشنىڭ چارىلىرىنى تېپىش ئۈچۈن قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھەدە چاقىرىلغان يىغىنغا ھاماس رەھبەرلىرىدىن خالىد مەشئەل ۋە ئىران دۆلەت رەئىسى ئەھمەدى نىجادنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى بىلەن يۈكسەك پەللىگە چىققان ئىدى. مىسىر شۇ قېتىملىق يىغىنغا قارشى ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئەل فەتىھ ۋە ئىسرائىلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر يىغىن ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ سوغۇقچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۈنۈملۈك رول ئويناش تىرىشچانلىقلىرىمۇ، سەئۇدى رەھبەرلىكىدىكى ئىراندىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى سەۋەپلىك بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىراننى كۆزدە تۇتقان ھالدا ‹ئەرەبلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا باشقا رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكى› نى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرىقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر دەۋھەدىكى يىغىنغىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولدى.
ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنىدا ئىشتىراكچىلارنى بىر يەرگە توپلىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولسا، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئىدى. ئەرەب ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن ئىسرائىلىيىگە بېرىلگەن ‹سېگنال› بولسا، «سەئۇدى تىنچلىق پىلانى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئەرەب تىنچلىق پىلانىنى ئىسرائىلىيىنىڭ بالدۇرراق قۇبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. 2002- يىلى ئەرەب ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنغان مەزكۇر پىلان، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر تولۇق ھەل قىلىنغان تەقدىردە، پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ پىلان ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بەزى چاغلاردا پىلاننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان بولسىمۇ، قۇددۇس مەسىلىسى، پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئوخشاش مەسىلىلەردە مۇھىم يول قويۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ پىلاننى تولۇق شەكىلدە قۇبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. كېيىنكى 7 يىل ئىچىدە ئانناپولىس ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانچىلىغان يىغىنلاردا مۇزاكىرە قىلىنغان تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئوتۇققا ئېرىشەلمەسلىكى، كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىمۇ بىئارام قىلماقتا. چۈنكى، ئەرەب جامائەتچىلىكىنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشىنى قۇبۇل قىلىشقا تەييار ئەمەس. شۇڭا بۇ پىلاننى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى قوللاش ئارقىلىق تەۋەككۇل قىلغانلىقلىرىنى ئويلايدىغان ئەرەب لىدەرلەر ئىسرائىلىيىنىڭ پوزىتسىيىسىگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ قېتىم چاقىرىلغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئىسرائىلىيىگە كۈچلۈك سېگنال بېرىلدى.
............................................................................