ئەمدىلىكتە دۇنيا چوشقا زۇكىمىغا دۇچ كەلدى
2009-04-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: يىللاردىن بويان قۇش زۇكىمى بىلەن كۆرەش قىلىۋاتقان دۇنيا ئەمدىلىكتە چوشقا زۇكىمىغا دۇچ كەلدى.
مېكسىكىدا بۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 81 گە يەتتى.
مېكسىكا ھۆكۈمىتى جەمئىي 1300 كىشىنىڭ چوشقا زۇكىمىغا گىرىپتار بولغانلىقىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
پايتەخت مېكسىكودا كېسەل ئاپىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن 10 كۈنگە قەدەر خەلق ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى مەنئىي قىلىندى ۋە نۇرغۇن جايلاردا مەكتاپلەر دەرستىن توختىدى.
كېسەل ئاپىتى ئامېرىكا قوشما شتاتتلىرىغىمۇ تارالدى.
تېكساس ۋە كالىفورنىيە شىتاتلىرىدا 8 كىشىدە چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالدى.
نيۇيوركتىمۇ بىر خۇسۇسىي مەكتەپتە بىرلا ۋاقىتتا 75 ئوقۇغۇچى چوشقا زۇكىمىغا مۇپتىلا بولدى.
كانساستا بولسا، ئىككى كىشىنىڭ چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىغا گىرىپتار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
كولۇمبىيە ۋە ئېكۋادورنىڭ ئايدرۇملىرى بىلەن دېڭىز پورتلىرىدىمۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى يولغا قويۇلدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ئىشلارغا قارىتا رايوندا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىمۇ چوشقا ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلىق خىزمىتىگە چاقىردى.