ئوباما ئەرمەنلىەرنى ئۈمىدسىزلەندۈردى
2009-04-25
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما، « قىرغىنچىلىق»ئىبارىسىنى ئىشلەتمىدى.
ئوباما باياناتىدا، ئەرمىنىچە « ئېغىر پالاكەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئىبارىنى ئىشلەتتى.
باراك ئوباما، تۈرك ۋە ئەرمەنىلەرنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن تىنچلىقنى ئاساس قىلغان قەدەملەرنى بېسىش ئۈچۈن، كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى ۋاشنگىتوننىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتتا « قىرغىنچىلىق» ئىبارىسىنى ئىشلەتمىگەن ئوباما، دىققەت ئېتىبارىنى تۈركىيە بىلەن ئەرمەنىستان مۇناسىۋەتلىرىدە يېقىنقى كۈنلەردە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورمالاشتۇرۇلۇشىدا بېسىلغان قەدەملەرگە ياخشى باھا بەردى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى، بۇ يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قوللاپ قۇۋەتلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
تۈركىيە بىلەن ئەرمەنىستاننىڭ ئۈنۈملۈك، تىنچلىقنى ئاساس قىلغان ۋە مۆتىدىل بىر مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بارلىقىنى تىلغا ئالغان ئوباما: « تۈرك ۋە ئەرمەنى خەلقلىرى ئورتاق تارىخىي ئۆتمۈشلىرىن پايدىلىنىپ، ئورتاق تەرەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ھالدا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىسە، تېخىمۇ كۈچلۈك بولالايدۇ» دېدى.
ئوبامانىڭ 1915- يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتى، ئەرمەنىلەرنى قاتتىق ئۈمۈتسىزلەندۈردى ۋە ھەر يىلى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق تۈرك ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قىلىپ كېلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىنى بۇ يىلىمۇ تەكرارلىدى.
بۇ يىل ئەرمەنى نامايىشچىلارغا قارشى كۆپ ساندىكى تۈركلەرمۇ نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىش ئەسناسىدا ئەرمەنى نامايىشچىلار تۈركلەرگە قوپاللىق قىلدى.
تۈرك - ئامېرىكا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار فېدراتسىيىسىنىڭ يېڭى باشلىقى گۈناي ئەۋىنچ ئەرمەنىلەرنىڭ ئوبامانىڭ باياناتىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىككى گۇرۇپپا بىر - بىرىگە قارشى شوئار توۋلىدى، ئۈچ سائەت داۋاملاشقان نامايىش قالايمىقانچىلىق چىقماستىن ئاخىرلاشتى.