ۋەھشى كاپىتالىزمنىڭ ئاقىۋىتى
2009-04-07
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: نۆۋەتتە دۇنيا دۈچ كېلىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى 1945- يىلىدىكى ئانگلو – ساكسون دۇنياسىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا تەييارلانغان برېتتون – ۋۇدس ئىقتىساد سىستېمىسى، دەپ قارالماقتا. دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى، دەپ سۈپەتلىنىۋاتقان 2008- يىل كرىزىسى قانچىلىغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىستىپا بېرىشىگە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر قاتار پارتىيىلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا، كۆپلىگەن خەلقئارالىق شېركەت ۋە مالىيە ئورگانلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەپ بولدى. بۇ قېتىمقى كرىزىس دۇنيا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئازلاپ كېتىشى تۈپەيلى كېلىپ چىققان كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىققا ۋە دۇنيا تىجارىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ئوخشاش ئېغىر دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! تۆۋەندە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش پاكولتىتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز...
:::::::...................................................................................................
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ئەنگىلىيە دۇنيا تىجارىتىنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئىككى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇپۇزلىرىدىن پايدىلىنىپ، كرىزىسقا خاتىمە بېرىشنىڭ چارە – تەدبىرلىرىنى تېپىش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ 20 ئىقتىسادىي كۈچىنى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى 2009- يىلى، 2- ئاپرىلدا لوندونغا توپلىدى. ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئۆزلىرى شەكىللەندۈرگەن دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسىنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن ھالد تەڭشەش ئېلىش بېرىشنى كۆزلىگەن تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، چۇلۋۇرىنى گېرمانىيە ۋە فرانسىيە تۇتۇپ مېڭىۋاتقان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن دۇنيا ئىقتىساد سىستېمىسىغا نۇقتىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان بىر لايىھە بۇ قېتىمى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىمۇ، ئەگەر ئۆزلىرى تەقدىم قىلغان تەكلىپلەر رەت قىلىنغان تەقدىردە، ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەھدىدىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق، بۇ جەھەتتىكى ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى.
ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ماس خەلقئارا تىجارەت ۋە مالىيىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش كۈچى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كونترولىدىن چىقىپ كەتتى. كرىزىس تۈپەيلى يەنە، دۇنيا مىقياسىدا تەشكىلاتلاشقان ھەر خىل دۆلەت، خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە كۆپ دۆلەتلىك شىركەتلەر مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي لوبىچىلىك پۇرسەتلىرىنى زور دەرىجىدە قولدىن بېرىپ قويىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ۋە دۇنيا بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ئىقتىساد قۇرۇلۇشلىرى ئىسلاھات قىلىنىش ئارقىلىق ۋەزىپە ۋە مەنبەلىرىنى كۆپەيتىدۇ، قارار چىقىرىش مىخانىزملىرىدا ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، بۇ، جۇڭگو ۋە رۇسىيە ھەممىدىن بەك تەلەپ قىلىنىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ خەلقئارادىكى مالىيە قۇرۇلۇشلىرى ئۈستىدىكى تەسىرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلىشىدۇ. ئىككىنچى مۇھىم مەسىلە، تامامەن ھەممىسى دېگۈدەك ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىغا جايلاشقان ئىقتىسادنى دەرىجىگە ئايرىش شىركەتلىرىنىڭ تەرەپباز ۋە غەرەزلىك دوكلاتلىرى كۆپلىگەن دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، بەزى دۆلەت ۋە شىركەتلەرگە ناھەق (ھارام) پايدا كەلتۈرۇپ، پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە سەۋەب بولماقتا. بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى مۇھىم بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ.
...........................................................................................
ئۈچىنچى مۇھىم قارار بولسا، يۇشۇرۇن بانكىچىلىك، دەپ ئاتىلىدىغان سىستېما بىلەن خەلقئارا مالىيە بەلگۈلىمىلىرىگە رېئايە قىلمىغان ئورگانلار ۋە باج جەننىتى، دەپ ئاتىلىدىغان، ھەقسىز (ھارام) پايدىلارغا سەۋەب بولىدىغان دۆلەتلەرگە قارشى ئىمبارگولار يۈرگۈزىلىدۇ. چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ھازىرچە ۋاقىت مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىدى، لېكىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقتىسادقا مەسئۇل مىنىستىرلارنىڭ جەم بولۇپ، قارار قىلىشىدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ. 2009- يىلىنىڭ سىنتەبر ئېيىدا مەزكۇر 20 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا بىر ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرىشى ئېھتىمالغا يېقىن. مەزكۇر قاراردا كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە ئىنسان كۈچى يەنىلا ئارقا پىلاندا قالدى. لوندون ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئامېرىكا – ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا يوق قىلىۋېتەلمىدى. رۇسىيىنىڭ كۆپ تىلغا ئېلىنمىغان، غەرب ئىمپىرىيالىزمىغا بەلگۈلىك دەرىجىدە زەربە بېرىدىغان دۇنيا ئورتاق پۇل بىرلىكى ئوتتۇرىغا قويۇش پىكرى چوقۇم رېئاللىقا ئايلاندۇرۇلىشى لازىم. رۇسىيە بۇ ئىشنىڭ پىشىنى قويۇپ بەرمىسىلا، ناھايىتى كۆپ قوللىغۇچى تاپالايدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پۇلى بولغان دوللار ۋە ياۋرو بولسا غەربلىك دۆلەتلەرگە ناھايىتى كۆپ پۇرسەت ۋە مونۇپۇل قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرمەكتە.
دۇنيانىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىدارە قىلىنىشى، تېخىمۇ پاكىز ۋە دۇرۇس بولۇشى، تېخىمۇ ئادىل ۋە باراۋەر بولۇش، تىنچىلىق ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ناھايىتى كۆپ ئىشلارنى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. لوندون ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىندا ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ كەمتەرلىك بىلەن نېيىتىدىن ۋاز كېچىشىنى ۋە باشقا ئىشتىراكچىلارنىڭمۇ ئورتاق كرىزىسكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئىجابىي پوزىتسىيىلىرىنى كۆرگەن بولدۇق. بۇمۇ بىزنى ئۈمىدلەندۈرمەكتە.
http://www.trtuyghur.com/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=151b22db-bbb9-4266-9398-1ba0e74ade81