نىيۇيوركتا تۈرك ۋە ئازىرى خەلقى نامايىش ئۆتكۈزدى
2009-04-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: نىيۇيوركتا ئىنتايىن كۆپ ساندا تۈرك ۋە ئازىرى خەلقىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئەرمەنلەرنىڭ يالغان ـ ياۋىداقلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
تايمىس سىكۇئار مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئەرمەنلەرنىڭ يالغان ـ ياۋاداقلىرىنى، تىنچلىق ۋە ئەسلى تارىخىي ھەقىقەتلەرنى ئەكىس ئەتتۇرۈشتىن ئىبارەت بولدى.
نامايىشقا سەۋەپ بولغىنى پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ يازما باياناتى ئىدى.
نيۇيوركنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش جەريانىدا، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ئەرمەنلەرنىڭ يالغان ـ ياۋاداقلىرىنى پاش قىلغان ۋاراقچىلار، تۈرك بايراقلىرى، ھەمدە ئۈستىگە ئەمەلىي ھەقىقەتلەر ۋە تىنچلىق شوئارلىرى يېزىلغان مايكىلار تارقىتىلدى.
رايوندىكى ساياھەتچىلەرنى ھەيرانلىققا چۆمدۈرگەن بۇ نامايىشقا تۈركىيىنىڭ نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەھمەت سامسارمۇ قاتناشتى.
ئەرمەنلەرنىڭ يالغان ـ ياۋاداقلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش خۇددى باشلانغىنىغا ئوخشاشلا ناخشا توۋلاش ۋە تىنچلىق چاقىرىقلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.