ئامېرىكىدا پەيغەمبەر ئەلەيھېسىلامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلەندى
2009-04-26
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
ئامېرىكىنىڭ مارىيلاند ۋە ۋىرگىنىيە شتاتىدا ياشاۋاتقان تۈركلەر، مۇھەممەد ئەلەيھىسىلامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ھەپتىلىك مۇراسىمىدا بىر يەرگە جەم بولدى.
مارىيلاندتىكى تۈرك جامەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسىلامنىڭ ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
تۈرك – ئامېرىكا جەمئىيەت مەركىزىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسىلامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ھەپتىلىك مۇراسىمى، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى.
دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت ئەمىن ئۆزئافشار، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسىلامنىڭ ھاياتى، بۈگۈنكى كۈندە تۈركلەر ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياد ئېتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
مارىيلاند ۋە ۋىرگىنىيىدىكى تۈركلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان بۇ پائالىيەتتە، كىچىك بالىلار تەرىپىدىن دېكىلماتسىيە قىلىنغان شئېرلار ئالاھىدە دىققەتنى قوزغىدى.
تەبرىكلەش مۇراسىمى، تۈرك تەسەۋۇپ مۇزىكىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.