دۇنيادا «چوشقا زۇكۇمى» ئەندىشىسى
2009-04-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: « قۇش زۇكۇمى» دىن كېيىن، بۇ قېتىم «چوشقا زۇكۇمى» جانغا زامىن بولماقتا.
مېكسىكىدا 103 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان بۇ يۇقۇملۇق زۇكام، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە كاناداغىمۇ تارقالدى.
بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.
مېكسىكىدا 13- ئاپرېلدىن بېرى « چوشقا زۇكۇمى»نىڭ ئالامەتلىرى بايقالغان بولۇپ، 1600 كىشىدىن 400 كىشى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى.
103 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان مېكسىكىدا، يۇقۇملۇق زۇكامغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىندى.
پايتەخت مېكسىكا ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ئاشخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلار تاقىۋېتىلدى، ئوقۇغۇچىلار تەتىلگە قويۇپ بېرىلدى.
« چوشقا زۇكۇمى»دىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 20 يەتكەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىمۇ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
20 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى، ئاق ساراي جىددىيلىشىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
11 كۈن ئەتىراپىدا مېكسىكىدا زىيارەتتە بولغان باراك ئوبامامۇ « چوشقا زۇكۇمى» نىڭ ئالامەتلىرى بايقالمىغانلىقى تۈپەيلى، تەكشۈرتۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.
ئىگىلىنىشىچە، كانادادا 6، يېڭى زىللاندىيىدە 10 كىشى « چوشقا زۇكۇمى» بىلەن يۇقۇملانغان.
ئىسپانىيە، فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ 10 كىشى بۇ مەرەزدىن يۇقۇملانغان.
بىر قىسىم خەلقئارالىق ئايرودروملاردا مېكسىكىدىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلمەكتە.
« چوشقا زۇكۇمى» خۇددى « قۇش زۇكۇمى» غا ئوخشاشلا ھايۋانلار بىلەن كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەردە بايقالغان. نۆۋەتتە مەۋجۇت زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ تەسىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەسكەن.
ۋىرۇسقا قارشى ھازىرغىچە 100 پىرسەنت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش ئۇسۇلى بايقالمىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، « چوشقا زۇكۇمى» نىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ خەتەرلىك ھالەتكە كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.