تۈركمەنىستاندا ئات بايرىمى
2009-04-27
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان ئات ئۈچۈن بەزى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئەنئەنىۋىي شەكىلدە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تۈركمەنىستان ئەنئەنىۋىي ئات بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
ئاشىقئاباد (ئاشخاباد) ئەتراپىدىكى بىر جايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا كونسېرت نومۇرلىرى ئورۇندالدى ۋە خەلق ئويۇنلىرى كۆرسىتىلدى.
ئات ۋە ئات بايرىمىنى تېما قىلغان رەسىم مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، دۆلەت رەئىسى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋغا ئاتلار ھەدىيە قىلىندى.
كىشىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە مەھلىيا قىلىۋالغان «ئات گۈزەللىكى مۇسابىقىسى» دە، دەرىجىگە كىرەلىگەن ئاتلارنىڭ ساھىبلىرى مۇكاپاتلاندى.
مەشھۇر ‹ئاھالتەكە› ئاتلىرىنىڭ ئالاھىدە بەيگىسىمۇ ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.
تۈركمەنىستانغا خاس «ئاھالتەكە ئېتى»نىڭ نەسلىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تەدبىرلەر ئېلىنغان بۇ دۆلەتتە ئات مىنىستىرلىكى، دەپ بىر مىنىستىرلىكمۇ بار.