ئافغانىستاندا توقۇنۇش يۈز بەردى
2009-04-29
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان لوگار رايونىدا، ئافغان ئەسكەرلىرى بىلەن چەتئەللىك كۈچلەرنىڭ 10 قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنى ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
پايتەخت كابۇلنىڭ 80 كىلو مېتىر غەربىي جەنۇبىدىكى لوگار رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئەسكەرلىرىنىڭ بىر يېزىغا چارلىغۇچى ئەسكەر ئەۋەتىشى بىلەن باشلانغان.
تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئوت ئېچىشىغا قارشى ناتو ۋە ئافغان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئەسناسىدا، ئافغان ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ سېپىدە ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
غەزنى رايونىدىمۇ 4 نەپەر قوراللىق كىشىنىڭ بىر ئۆيدە سۈيىقەست ھۇجۇمى ئۈچۈن تەييارلىغان بومبىلىرىنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.