سۇ، ھاياتلىق مەنبەسى
2009-04-29
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: سۇ، ئىنسان بەدىنىدىكى ئورگانىزم سىستېمىلىرىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر ... ئىنسان بەدىنى %75 سۇدىن تەشكىل تاپىدۇ. سۇنىڭ بەدىنىمىزدىكى تارقىلىشى، ئۆزىنىڭ ھاياتلىقتىكى ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. يەنى ئادەم مېڭىسىنىڭ%85 تى، قېنىمىزنىڭ%90 تى، موسكۇللارنىڭ%75 تى، ئادەم بۆرىكىنىڭ %82 تى ۋە ئادەم سۆڭىكىنىڭ %22 تى سۇدىن تەشكىل تاپىدۇ. يېتىشكەن بىر ئىنسان بىر كۈندە تەرلەش،كىچىك تەرەت قىلىش ۋە نەپەس ئېلىش ئارقىلىق تەخمىنەن 2.5 لېتىر سۇ چىقىرىدۇ. مۇتەخەسىسلەر، ئىنسان بەدىنى كۈندىلىك چىقارغان سۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ھەر كۈنى 6-8 ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەگەر يېتەرلىك دەرىجىدە سۇ تولۇقلانمىغىنىدا، ھۈجەيرىلەر قاندىن سۇ سۈمۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇ ئەھۋال يۈرەكنىڭ فونكسىيۇنىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۇغا ئېھتىياجلىق بەدەندە، بۆرەك ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى تەرتىپلىك ھالدا ئېلىپ بارالمايدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا، بۆرەكنىڭ فونكسىيۇنىنى جىگەر ۋە باشقا ئورگانلار ئۈستىگە ئالىدۇ. سۇغا ئېھتىياجلىق بىر بەدەندە يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئەھۋاللاردىن باشقا يەنە، ئىچى قېتىپ قىلىش، تېرە قۇرغاقلىقى، قىچىشىش، دانىخورەك چىقىش، بۇرۇن قاناش، سۈيدۈك يوللىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى، يۆتەل، زۇكام، بۇرۇن ياللۇغى ۋە باش ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەر پەيدا بولىدۇ.
سەھىيە مۇتەخەسىسلىرى، ئادەم بەدىنىنىڭ سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى سەۋەپ بولىدىغان سالامەتلىك مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ سانلىق مەلۇماتلاردا، سۇنىڭ ئادەم بەدىنى بىلەن بولغان نىسبىتى ئاساس قىلىنغان ھالدا، بەدەنگە سۇ يېتىشمەسلىكنىڭ تەخمىنى تەسىرلىرى كۆرسىتىلگەن. •
كىشىگە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %1 تى ئەتراپىدا سۇ يېتىشمىگىنىدە، كىشى ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلىدۇ ۋە بەدىنىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش سېستىمىسى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ – دە نەتىجىدە نورمال ئىقتىدارىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. •
كىشىگە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %2 تى ئەتراپىدا سۇ يېتىشمىگىنىدە، بەدەن قىزىتمىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. •
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %3 تى ئەتراپىدا سۇ يېتىشمىگەندە، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش سېستىمىسى پەۋقۇلئاددە قالايمىقانلىشىپ كېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇسسۇزلۇق ئادەتتىن تاشقىرى چاڭقاش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىدۇ. •
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %4 تى ئەتراپىدا سۇ يېتىشمىگىنىدە، بەدەننىڭ فېزىكىلىق ئىقتىدارى 20-%30 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. •
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %5 تى ئەتراپىدا سۇ يېتىشمىگىنىدە، باش ئاغرىيدىغان ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. •
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %6 تى ئەتراپىدا سۇ يېتىشمىگىنىدە، كىشى ھالسىزلىنىدۇ ۋە تىتىرەك ئولىشىدۇ. •
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %7 تى ئەتراپىدا سۇ يېتىشمىگىنىدە، ھۇشىدىن كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. •
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %10 تى ئەتراپىدا سۇ يېتىشمىگىنىدە، كىشى ئەقلى ھۇشىنى يوقىتىپ قويىدۇ. •
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %11 تى ئەتراپىدا سۇ يېتىشمىگىنىدە، كىشى ئۆلۈم گىردابىغا يىقىنلىشىپ قالىدۇ. •
مۇتەخەسىسلەر، ئەگەر كىشىگە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %12 تى ئەتراپىدا سۇ يېتىشمىگىنىدە، بۇ ئەھۋالنىڭ ئېنىق ئۆلۈم بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
خۇلاسىلىگەندە، يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار، پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولۇپ، بارلىق مەۋجۇداتلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئەمەس. مەسىلەن، قۇملۇق كېمىسى بولغان تۆگە بەدىنىدە ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ %40 تى ئەتراپىدا سۇ بولمىغىنىدىمۇ، ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.
يەر شارىنىڭ %70 تى سۇ بىلەن قاپلانغان. مەشھۇر ئىلمىي-فانتازىيە رومان يازغۇچىسى ئارتھۇر س. كلارك بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلغان ھالدا، «دۇنيانى يەر يۈزى» ئەمەس «ئوكيان» دەپ، ئاتاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئالىملار، بۇنچىلىك سۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپن تا ھازىرغىچە، ھەر خىل ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلار ۋە مۇنازىرەلەر بولۇپ ئۆتكەن، ئەمما بىز بۇ مۇنازىرەلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ شۇنداق دېيەلەيمىزكى، دۇنيادىكى دېڭىز-ئوكيانلار سۈيىنىڭ %97 تى تۇزلۇق سۇدىن ئىبارەت. %3 ئەتراپىدىكى تاتلىق سۇنىڭ 4¬ تىن 3 قىسمى قۇتۇپلاردىكى مۇزلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. 4 تىن 1 قىسمى بولسا، يەر ئاستى ۋە دەريا-كۆللەردە. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، %3 ئەتراپىدىكى تاتلىق سۇنىڭ ئىچكىلى بولىدىغىنى %1 ئەتراپىدا، يەنى 3 مىڭ 334 ئىستاكان سۇدىن پەقەت بىر ئىستاكان سۇنىلا ئىچكىلى بولىدۇ.
گەرچە بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا راھەتسىز بولساقمۇ، داۋاملاشتۇرايلى:
مەقسىتىمىز كىشىلەرنى بىئارام قىلىش ئەمەس، بەلكى كېچىكمەستىن مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەر بىر كىشىنىڭ بىلىۋېلىشى ۋە ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، قولىدىن كېلىدىغان پايدىلىق ئىشلارنى باشلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. -
دۇنيادا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى يىلدا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 800 كۇپ مېتىر. -
يېقىنقى بىر ئەسىردە دۇنيا نوپۇسى ئىككى ھەسسە، سۇنى ئىستېمال قىلىش بولسا ئالتە ھەسسە ئاشتى. -
دۇنيا نوپۇسىنىڭ %40 تىگە سۇ يېتىشمەيدۇ. -
بۇلغانغان سۇ قۇربانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ياشىماقتا ۋە بىر مىليارد 200 مىليون كىشى پاكىزە سۇ ئىچەلمەيۋاتىدۇ. -
دۇنيا نوپۇسىنىڭ 3 تىن 1 ىنىڭ سۇ تازىلاش ئەسلىھەلىرى يوق. -
تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز ماددىلارنىڭ %70 تى ۋە ئەۋرەز يوللىرىنىڭ %90 تى بىۋاستە سۇ مەنبەلىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، پاكىزە سۇلار ناھايىتى تېز سۈرئەتتە بۇلغانماقتا. تەخمىنەن ئىككى مىليون توننا ئېغىرلىقتىكى كېرەكسىز ماددىلار، ھەر كۈنى دەريا ۋە دېڭىزلارغا تۆكۈلمەكتە. بىر لېتىر بۇلغانغان سۇ، سەككىز لېتىر پاكىزە سۇنى بۇلغىيالايدۇ. -
دۇنيادىكى يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىنىڭ %70 تى چۆللىشىش تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا.
دۇنيا سۇ ئىستېمالىنىڭ، ھەر قايسى ساھەلەرگە تارقىلىش نىسبىتى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، تەخمىنىي رەقەملەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت.
دۇنيادا تۈگىتىلىۋاتقان سۇنىڭ %70 تى يېزا ئىگىلىكىگە، %22 تى سانائەتكە، %8 تى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىلماقتا. ياۋرۇپادا بولسا، سۇنىڭ %33 تى يىزا ئىگىلىكىگە، %51 تى سانائەتكە، %16 تى كۈندىلىك ھاياتتا قوللىنىلماقتا.
سۇ، بەلكىم ئىنسانلار ئىگە بولغان ئەڭ قىممەتلىك ھاياتلىق مەنبىئىيدۇر. قىممەتلىك شەيئىلەر دېگىنىمىزدە، نېفىت ۋە ئالتۇنغا ئوخشاش دەرھال ئەقلىمىزگە كېلىدىغان ۋە ۋاز كېچىش مۇمكىن ئەمەستەك كۆرىنىدىغان ماددىلار، سۇ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا مەنىسىز بىلىنىدۇ.