نىيۇيوركتا 11- سېنتەبىر دەھشىتى
2009-04-28
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: نىيۇيوركتا بويىڭ 747 تىپلىق بىر ئايروپىلان ئېگىز بىنالارنىڭ ئارىسىدىن شۇڭغۇپ ئۆتىشى شەھەر ئاھالىسىنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى.
قورقۇپ كەتكەن ئامما پات-پاراق بولۇپ كەتتى.
11- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تەكرار ئەسلەتكەن ئايروپىلاننىڭ باراك ئوباماغا ئائىت بولغانلىقى بىلىنگەندە ئىنسانلارنى ھەم ھەيرەتتە ئىچىدە قالدۇردى ھەمدە غەزەپلەندۈردى.
نىيۇيوركلۇقلار 11- سىنتەبىر پاجىئەسىنىڭ تەسىرىدىن ھازىرغىچە قۇتۇلالمىغان ئىدى.
بۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇمنىڭ قايتىدىن يۈز بېرىش ئەندىشىسى ئىنسانلارنى دۋاملىق بىئارام قىلىپ كەلمەكتە.
بويىڭ 747 تىپلىق بىر ئايروپىلاننىڭ 8 بۇرۇنقىغا ئوخشاش مانھاتتاندىكى ئېگىز بىنالاردىن شۇڭغۇپ ئۆتىشى ھەممىنى شۇنداق ئالاقزادە قىلدى.
ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوتتۇرىغا چىقتى.
مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ باراك ئوباماغا ئائىت ئىكەنلىكى ۋە فوتوسۈرەت چىكىش ئۈچۈن مانھاتتان ئارقىلىق ئۇچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، فوتوسۈرئەت چىكىش ئىشى مەخپى پىلانلانغان، نىيۇيورۇكلۇق مەسئۇللارنىڭمۇ خەۋىرى يوق ئىكەن.
http://www.trtuyghur.com/International/newsDetail.aspx?HaberKodu=b9c0a784-a54a-46bb-8256-7428b122212c