تالىبان غەرب دۆلەتلىرىدە جىددى ئەندىشە ياراتتى
2009-04-28
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيىسى ئالدىنقى ھەپتە ئىسلام ئابادقا 100 كېلومېتىر قالغان يەرگىچە باستۇرۇپ كېلىپ بولغان تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكىتىنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە.
پاكىستاندا كۈنسىرى كۈچلىنىپ كېتىۋاتقان تالىباننىڭ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە ئىلگىرىلەپ كېتىشى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى جىددى ھالەتكە ئۆتكۈزدى.
تالىباننىڭ كونتروللىقىدىكى سۇۋات ۋادىسىدا شەرىئەتنىڭ يولغا قويۇلىشىغا رۇخسەت قىلىنغاندىن كېيىنمۇ يۈزلىگەن تالىبان قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ پايتەخت ئىسلامئابادقا يېقىن بۇنېر رايونىغا بېسىپ كېرىشى پاكىستان ئارمىيىسىنى جىددى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى.
سۇۋات ۋادىسىنىڭ غەربىدىكى تۆۋەن قىسمىدا تالىبان بىر يۈك ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ برونېۋىك ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسمى بىرلىكتە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى. بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نىشانى بۇنىردىكى تالىبان كۈچلىرىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.
پاكىستان ھاۋا ئارمىيىسى پايتەخت ئىسلامئابادقا يېقىن يەردىكى تالىبان قارارگاھلىرىنى توختىماي بومباردىمان قىلماقتا.
تەخمىنەن 33 مىڭغا يېقىن خەلقنىڭ رايوندىن كۆچىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.
پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ بايان قىلىشىچە ھەرىكەتتە تۈنۈگۈندىن بۇيان 70 تىن ئارتۇق تالىبان كۈچلىرى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئافغانىستان چېگرا رايونىدا ئىنتايىن تېزلىكتە كۈچلەنگەن تالىبان، ئالدىنقى ھەپتە پايتەختكە 100 كلو مېتىر قالغان يەرگىچە بېسىپ كەلگەندىن كېيىن، پايتەختكىمۇ بېسىپ كېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارادا قاتتىق ئەندىشە ياراتتى.
ھازىر پاكىستاننىڭ قول ئىلكىدە 60 تىن ئارتۇق ئاتوم يادرو بومبىسى بار.