ئۇرۇشلارنىڭ تۈرك دۇنياسى سەنئىتىدىكى ئىز - ئەسەرلىرى كونسېرتى
2009-04-29
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن « ئۇرۇشلارنىڭ تۈرك دۇنياسى سەنئىتىدىكى ئىز - ئەسەرلىرى» ناملىق پائالىيەت كونسېرت بىلەن ئاخىرلاشتى.
غازى ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت پاكولتىتى بىلەن تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان «ئۇرۇشلارنىڭ تۈرك دۇنياسى سەنئىتىدىكى ئىز - ئەسەرلىرى» ناملىق كونسېرتتا ئۇرۇشلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازاب - ئوقۇبەتلەرنىڭ تۈرك دۇنياسىدا سۆز ۋە مۇزىكا بىلەن ئىپادىلىنىشىگە ئالاقىدار ئۈلگىلەر كۆرسىتىلدى.
تۈركىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى باش مودىرى ئىبراھىم شاھىن ۋە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى مودىرى رىزا ئايخان بىلەن كۆپ ساندا مېھمان ئىشتىراك قىلغان كونسېرت «ئەسكىرىمىز كەتتى مۇشقا تىركەشتى» ناملىق ناخشا بىلەن باشلىدى.
ئەرتوغرۇل قارابۇلۇت رىياسەتچىلىكىدىكى كونسېرتتا تۈركىيە، قىرىم، بالقان رايونى، ئۇيغۇر رايونى، كەركۈك ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا ئائىت 15 ناخشا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
كونسېرتتىكى ئەڭ مەنىلىك ناخشا بولسا، بىر چاغلاردا ئەزەربەيجان زېمىنى بولغان قاراباغ ناخشىسى بولدى. ئەلىي ھەيدەر گۈل تەرىپىدىن ئورۇندالغان ناخشا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.