ساھايەت جەننىتى تۈركىيە
2009-04-29
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى: تۈركىيىدە ھەر يىلى ئاپرىل ئېيىنىڭ 15 – كۈنىدىن 21 كۈنىگىچە بولغان ھەپتىنى «ساياھەت ھەپتىسى» سۈپىتىدە تەبرىكلەپ كېلىۋاتىمىز.
تۈركىيىدە ساياھەت، تۈرك ئىقتىسادىنىڭ زادى ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بىرى...نۆۋەتتە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كىرىم مەنبەلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىدا ساياھەتنىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى بىلىنمەكتە. تۈركىيە، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، تارىخىي ۋە مەنەدىي بايلىقى تۈپەيلى ساياھەت جەھەتتىن تولۇق ئاساسقا ئىگە بىر دۆلەتتۇر. جۇغراپىيە جەھەتتىن ئىككى قىتئەگە جايلاشقانلىقى، قانچە مىڭلىغان تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان مۇنبەت زېمىنى، 4 مەۋسۈملۈك ھاۋا كىلىماتى بىلەن ساياھەت جەننىتى ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيە، مول قۇياش ئېنېرگىيىسىنى، بىر – بىرىدىن گۈزەل 800 كىلومېتىرلىق دېڭىز ساھىللىرىنى، ساپ دېڭىزنى دەم ئېلىش مەقسىتىدە دۆلىتىمىزگە كەلگەنلەرگە تەقدىم قىلىدۇ. ئامېرىكىدا ۋە ياۋروپادا تۈركىيىنىڭ ئىسسىق قۇيىشى بەزىلىرىنى قورقىتىدۇ. ھالبۇكى، دۆلىتىمىزگە كېلىپ كۆرگەنلەر شۇنى بىلىۋالالايدۇكى، يۈزىڭىزنى، ۋۇجۇدىڭىزنى ئىسسىتقان قۇياش بىلەن بىرگە يەنە ھەقىقىي گۈزەللىك قەلبىڭىزنى ئىللىتقان ئىنسان ئىسسىقىدۇر. بىر قېتىم تەمىنى تېتىپ قالدىڭىزمۇ بولدى، خۇمار بولۇپ قالىسىز. ئىنساننىڭ ئىللىق مېھرى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكى، سۆيگۈسى بىلەن ھەر يىلى سىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيىنىڭ تەبىئىتى بىلەن ئىنسانلىرى بىر – بىرىنى تاماملايدۇ. سىز تۈركىيىنى باشتىن – ئاخىر كېزىپ چىقماقچى بولسىڭىز، ھەر بىر رايوننىڭ، ھەر بىر شەھەرنىڭ، ھەتتا ھەر بىر يېزىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئاقكۆڭۈل ئىنسانلىرى سىزنى ئىللىتىپ قەلبىڭىزنى يايرىتىۋېتىدۇ.
تۈركىيىگە كەلگەنلەر شۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلىۋالالايدۇكى، دۆلىتىمىزدە ساياھەت ئىشلىرى بىر خىللا ئەمەس. دۆلىتىمىز يەنە، «دېڭىز قىرغىقى ساياھىتى» دەپ ئاتىلىدىغان «قۇياش، دېڭىز، قۇم» ساياھەت ئىشلىرىمىزدىن باشقا تاللاش خاراكتېرلىك ساياھەت قىلىش شارائىتىمۇ يارىتىپ بېرىدۇ.
تۈركىيە، تەبىئىي بايلىقلىرىدىن سىرت يەنە تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى سۆيىدىغانلار ئۈچۈنمۇ ھەقىقي بىر جەننەت ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىز، بىر ئىلغارلىقلارنىڭ بۆشۈكى ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەدەنىيەت جەھەتتىن باي دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ تېرروتېرىيە، قەدىمىي ئىلغارلىقلارنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بۇرۇنقى ئەسەرلىرى، يادىكارلىقلىرى، ئىبادەتخانىلىرى، تىياتىرلىرى، چېركاۋلىرى، جامەلىرى، سارايلىرى، مەدرەسەلىرى ۋە كارۋانسارايلىرى ئارقىلىق ئۆتمۈشنىڭ ئىزنالىرىنى بىزگە يەتكۈزىدۇ.
ئىستانبۇل، شەك شۈبھىسىز ھالدا ھەم دۇنيانىڭ ھەم ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنالاندۇرالايدىغان ھەمدە شانلىق ئۆتمۈشنى ھېس قىلدۇرالايدىغان تەڭداشسىز بىر مەدەنىيەت مەركىزىدۇر. بوغاز ئىچى «پوسپور بوغۇزى» ئۆز ئالدىغىلا بىر شەھەر ھېسابلىنىدۇ. «پوسپور بوغۇزى» نى بويلاپ قولۋاق بىلەن ياكى گاز پاراخودى ئاقىلىق قىلىدىغان ئېكىسكۇرسىيە سىزنى سىز بۇ سېھىرلىك شەھەردە تاپالايدىغان خەزىنىلەر ھەققىدە مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئۈچ چوڭ دىننىڭ ئىبادەتخانىلىرىنىڭ تۈركىيىدە كۆپ بولۇشى ۋە ھازىرمۇ ئىبادەت قىلىشقا ئوچۇق بولۇشى، ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاد سىستېمىلىرىنىڭ بىر يەردە دوستانە ۋە ئىناق ياشىيالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلىدۇر. شۇڭا، تۈركىيە يېقىندىن بۇيان «ئېتىقاد ساياھىتى» دېگەن تېما ئاستىدا يېڭى بىر ساياھەت خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.
تۈركىيە، تەبىئەتنى ۋە ئىپتىدائىي تۈستىكى گۈزەللىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ياخشى تاللاش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. دەل – دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان تاغلار، ئۇزۇن ۋە كەڭ كەتكەن ۋادىلار، ياپ يېشىل تۈزلەڭلىكلەر ۋە تەبىئەتتە بار بولغان بارلىق نەرسىلەر تۈركىيىدە ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ.
قۇشلارغا قاراپ ھوزۇرلىنىدىغان تەبىئەت مەستانلىرى ئۈچۈن، تۈركىيە غايەت ياخشى بىر تاللاش ھېسابلىنىدۇ. قۇشلار ھەققىدە ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كۈزىتىش ۋە تەكشۈرۈشلەرنى تۈركىيىنىڭ مۇئەييەن كۆل ۋە ساسلىقلىرىدا ئېلىپ بارالايسىز.
تەبىئەت مەستانىلىرىنىڭ جەزمەن زىيارەت قىلىشى كېرەك بولغان جايلار ئىچىدە مىللىي باغچىلارمۇ بار. دۆلىتىمىزدىكى مىللىي باغچىلار، تەبىئەت مەستانىلىرىگە تەبىئەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
ھەم تەبىئىي گۈزەللىكلەرنى، ھەم تەنتەربىيىنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈنمۇ تۈركىيە ئەڭ مۇۋاپىق بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئەگەنىڭ ئىللىق سۇلىرى؛ بۇلاقلىرى، ھەر خىل سۇ تەنھەرىكەتلىرى، خۇسۇسەن سۇ ئاستى تەنھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىشىڭىزغا يېتەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە.
كەڭ كەتكەن كۆللىرى، ئۇزۇن ۋە سېھىرلىك دەريالىرى ۋە ھەممىدىن مۇھىمى ئۈچ تەرىپنى قورشاپ تۇرغان دېڭىزلىرى بىلەن تۈركىيە بېلىق تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈنمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بىر ساياھەت ماكانى ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيە، ئادەمگە شاتلىق بېغىشلايدىغان قولۋاق ئۇزۇش تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلارغىمۇ كەڭ ئىمكانىيەتلەرنى سۇنىدۇ. دۆلىتىمىزدكى قولۋاق بىلەن ئۈزۈشكە مۇۋاپىق دەريا – ئېقىنلاردا كېرەكلىك خىزمەتلەر يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىلمەكتە. ھەر يىلى يۈزلىگەن ساياھەتچى قارا دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايونىغا كېلىپ، قولۋاق بىلەن ئۈزۈشنىڭ كەيپىنى سۈرمەكتە.
تۈركىيە يۈكسەك ۋە ئادەتتىن تاشقىرى مەنزىرىلىرى بولغان كۆپ ساندىكى تاغلىرى بىلەن ھەم ئادەتتىكىچە ھەم كەسپى تاغقا ياماشقۇچىلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى جەلىپكار بىر ماكان. بۇ تەنھەرىكەتنى دۆلىتىمىزدە ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغان تاغقا ياماشقۇچىلارغا تۈركىيە تاغچىلىق فېدىراتسىيىسى ياردەملىشىدۇ.
تۈركىيە، كۈندىلىك رايونلۇق يۈگۈرەشلەردىن، يۇقىرى يايلاقلاردا ئۇزۇن مۇددەتلىك تاغ يۈرۈشلىرىگىچە بولغان ھەر خىل تاغ يۈرۈشى تەنھەرىكەتلىرى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇۋاپىق دۆلەت ھېسابلىنىدۇ... تاغ يۈرۈشى سىزگە يېزا – قىشلاقلاردىكى ئەنئەنىۋىي مېھمانسدوستلۇقىمىز بىلەن تونۇشۇش ۋە شۇ رايوننىڭ قول تەگمىگەن ئالاھىدىلىكلىرىنى كەشىپ قىلىش ئىمكانىيىتى سونىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى مەخسۇس ساياھەت ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئاگېنىتلىقلار تاغ يۈرۈشى ئۈچۈن ئالاھىدە پروگراملارنى ھازىرلىماقتا.
تۈركىيىدە، قارلىق تاغلاردىن تۆۋەنگە قاراپ تېيىلغاندا، چانا تېيىلىشنىڭ ئاجايىپ ھوزۇرىنى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.... دۆلىتىمىزدىكى تېيىلىش مەركەزلىرى ئادەتتە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىگىزلىكتىكى، ئورمانلار بىلەن قاپلانغان تاغلارنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. قورۇقلۇق يولى بىلەن ئاسانلا يېتىپ بارغىلى بولىدىغان جايلاردىكى تېيىلىش رايونلىرىغا يەنە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە) نىڭ ئايروپىلانلىرى بىلەنمۇ يېتىپ بارالايسىز.
:::::::...................................................................................................
تەبىئىي قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ قالغان چوڭ كىچىك ئۆڭكۈرلەر، تۈركىيىنىڭ تەبىئىي بولغان قىممەتلىك بايلىقلىرىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئۆڭكۈرلىرىگە ئىگە بولغان تۈركىيىدە كەسپى تاغغا چىقىش ماھىرلىرى ئۈچۈن تېپلغۇسىز پۇرسەتلەر بار.
ئانادولۇ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان « تۈزلەڭلىك ھاياتى» دەم ئېلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇۋاپىق. تۈزلەڭلىكلەر چوڭ شەھەرلەنىڭ غەلۋىسىدىن يىراق تۇرماقچى بولغانلارغا نىسبەتەن تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كېتىش ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك بىر ماكاندۇر. ئوتتۇرا دېڭىز ۋە قارا دېڭىز رايونلىرىنىڭ كەڭ كەتكەن ياپيېشىل مەنزىرلىرى ۋە مول سۇ مەنبەلىرى بىلەن مەشھۇر تۈزلەڭلىكلىرى ياز ئايلىرىنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدىن قېچىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن «ئىللىق» بىر ئاراھگاھتۇر.
تۈركىيىدە 1300 دەك ئىسسىق سۇ مەنبەلىرى ۋە ئارشاڭلار بار بولۇپ، ھەۋەس قىلىغۇچىلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك بىر ماكاندۇر. دۆلىتىمىز، ئىسسىق سۇ مەنبەلىرى بايلىقى جەھەتتىن دۇنيادا 7 – ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئارشاڭلىرىمىز داۋالىنىش مەركەزلىرىنىڭ ئېچىلىشغا تۈرتلىك رول ئويناش بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ھاۋا شارائىتى بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇزۇن بىر داۋالىنىش مەۋسۇمى ۋۇجۇتقا چىقارماقتا.
تۈركىيە، يەلكەنلىك كېمە ساياھىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى جەھەتتىن جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بىر دۆلەت. ھەددىي - ھېسابسىز كىچىك دېڭىز قولتۇقى ۋە تەبىئىي پورتلىرى قورشىۋالغان بىريۇزا ساھىللىرى، تۈركىيىدە دەم ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان « يېشىل سەپەر» ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك بىر مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئەپسانىلەرگە سەھنە بولغان، شامالدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالىدىغان ئىپتىدائىي گۈزەللىكىگە ئىگە بولغان كىچىك دېڭىز قولتۇقلىرىدا كېزەلەيسىز، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن قىش مەۋسۇمىدا دەم ئالغان قەدىمىي پورتلاردىن بىرى فەيسېلىسنى تاماشا قىلالايسىز.
تۈركىيە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن خەلقئارا سەۋىيىدىكى گولف توپ مەركەزلىرى بىلەن دۇنيا گولف توپ ھەۋەسكارلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان مەركەزلەردىن بىرى بولۇپ قالدى.
قىسقىسى، تۈركىيىدە تەبىئەتنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرى بىلەن مىڭلىغان دەم ئېلىش پۇرسەتلىرى بار.... ھاياتنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى، مەۋجۇتلۇقنىڭ ھاياجىنىنى ھېس قىلىپ، تەبىئەت ۋە تارىخنىڭ بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ھەقىقەتلىرىنى كۆرەلەيىسىز. شانلىق ئۆتمۈشى، سېھىرلىك تەبىئىي گۈزەللىكلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مىھماندوستلۇقى بىلەن تۈركىيە ھەر يىلى دۆلىتىگە كەلگەن مېھمانلارغا كەڭ قۇچاق ئاچماقتا.