شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار سىنىقى ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرماقتا
2009-04-29
<< Ana Sayfa - باش بەت - Main Page>>
تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: شىمالىي كورىيە (چاۋشەن)، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بەلگىلىمىسگە تامامەن زىت بىر قارار چىقارغانلقى تۈپەيلى كەچۈرۈم سوراشقا تېگىشلىك ئەھۋال ئاستىدا تۇرۇپمۇ، يادرو قوراللار ۋە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شىمالىي كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتنىڭ ئۆزىنى قوغداش مەسىلىسىدە قوشۇمچە تەدبىر ئېلىشقا ھەر زامان تەييار ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن يادرو قوراللار ۋە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ تەدبىرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىخەتەرلىك كېڭىشى، شىمالىي كورىيە 5- ئاپرېلدا راكىتا بومبىسى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، شىمالىي كورىيىگە ئىجرا قىلىپ كېلىنىۋاتقان چەكلەش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
شىمالىي كورىيە 2006- يىلى تۇنجى قېتىم يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى.